خىتايچە چىقىدىغان «تەڭرىتاغ» خەۋەرلەر تورى 15-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە، قەشقەرگە سېلىنغان تەرەققىيات رايونىنىڭ قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلاردىن مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنۇلار دېيىلگەن: «2010-يىلى مەركىزى ھۆكۈمەت قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇردى. 10 يىلدىن كېيىن، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاقاسلىقتىن تەرەققىي قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ئەۋزەل ئىقتىسادىي رايونغا ئايلاندى. 2600 دىن ئارتۇق كارخانا باغچىغا ئورۇنلاشتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىركەتلەرنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.»
خەۋەردە يەنە «قەشقەرگە مەبلەغ سالغان ھەر بىر كارخانىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇددىئاسى بار. بەزىلەر بۇ يەردىكى قۇرۇق بازارغا ھەۋەس قىلدى، بەزىلىرى ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى چەتئەل بازارلىرىغا كىرىشنى ئۈمىد قىلدى، بەزىلىرى شىنجاڭغا سانائەت ياردىمى بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇلار ئاجىزلىقتىن كۈچلۈكلۈككە قاراپ تەرەققىياتنىڭ ھېكايىسىنى يازىدۇ،» دېگەنلەر بايان قىلىنغان.
ھالبۇكى، خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئىلگىرى قەشقەر ئىقتىسادىي رايونى ھەققىدە يازغان خەۋەرلىرىدە قەشقەردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرەلمىگەنلىكىنى، نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ تاقاقلىقىنى، بازارلارنىڭ چۆلدەرەپ تاشلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەردىن كېلىۋاتقانلارنىڭ ئەرزان باھالىق ئۇششاق-چۈششەك ماللارنى سېتىۋالغىلى كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئاتالمىش قەشقەر تەرەققىيات رايونىنىنىڭ مەبلەغ ئىسراپچىلىقى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىنىڭ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاتالمىش ئەۋزەللىكلىرىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى رايونغا كېلىشكە جەلپ قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.