خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى قەدەم-باسقۇچلار بويىچە جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مارالبېشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مارالبېشى ناھىيىلىك دائىرىلەر 2-ئاينىڭ 28-كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىن 1850 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 200 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇقتۇرۇشتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچى خادىملارغا ئايدا 6800 يۈەندىن 7300 يۈەنگىچە مائاش بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلارنىڭ ھەقسىز تۇرالغۇ، قوشۇمچە ياردەم پۇلى، قاتناش پۇلى، 13-ئايلىق مائاش، سۇ، توك ۋە ئۆيلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىناتلىق خىتاي ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تۆۋەن مائاشلىق يەرلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى سېلىشتۇرغاندا ئىقتىسادىي مەنپەئەت جەھەتتىن ئاسمان-زېمىن پەرقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان يۇقىرىقى 2 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچى خادىم مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە تەقسىم قىلىنىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، سىچۈەن، گۇيجۇ، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ئۆلكىلىرىدە مارالبېشى ناھىيىسىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرگە زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچى خادىم يۆتكەۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە.