يېقىندىن بېرى مېكسىكا چېگراسى ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان «جىددىي تەھدىت» ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىشىنى چەكلەش قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا روجېر مارشالنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ئالىھاندرو مايوركاسقا خەت يېزىپ، مېكسىكا چېگراسى ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە «جىددىي تەھدىت» پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل 18 مىڭ خىتاي پۇقراسى ئامېرىكا چېگراسىغا كەلگەن. ھالبۇكى، 2022-يىلى ئامېرىكا چېگراسىغا كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 2 مىڭدىن سەل كۆپرەك بولۇپ، بۇ سان 2021-يىلى پەقەت 450 نەپەر ئىكەن. كېڭەش پالاتا ئەزالىرى چېگراغا كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يېشىغا توشقان بويتاقلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ 20-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا قارىتا ئۇ بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىشىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ «كومپارتىيە جاسۇسلىرىغا سىياسىي پاناھلىق يوق» ناملىق بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھەسى رىك سكوت، بىل ھاگېرتى، مارشا بلەكبورۇن، جوش خوۋلېي، مايك برائۇن، پېتې رىكەتس قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىي پىلانلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى قاتىل كوممۇنىستىك خىتاي رەھبەرلىرىگە ۋە شايكىلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقى»، ئۇلارنىڭ «جاسۇسلۇق ئۈچۈن سىياسىي پاناھلىق تىلىشىگە يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكاغا تەخمىنەن 40 مىڭدەك خىتاي پۇقراسى قانۇنسىز كىرگەن.