خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى نامەلۇم كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 1-يانۋار چارشەنبە كۈنى كېچە سائەت 10 ئەتراپىدا نامەلۇم بىر كىشى ئاپتوموبىلى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا كەلگەن.
ئۇ، ئاپتوموبىلىنى دەرۋازا يېنىغا توختاتقاندىن كېيىن ئىككى تۇڭ بېنزىنى ئەلچىخانا دەرۋازىسىغا تۆكۈپ، ئوت قويغاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيداندىن ئايرىلغان. ئوت سەۋەبىدىن ئەلچىخانا دەرۋازىسى خېلى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سان-فرانسىسكو ساقچى دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئوت قويغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىماقتا ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن سان-فرانسىسكودا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى بايانات بېرىپ، ۋەقەنى ئەيىبلىگەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى جازالاشنى، كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ كونسۇلخانا ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.