خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقىسى» بۇ يىل يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ساھىبخانى رۇسىيە بولسىمۇ، بىراق خىتاي 2017-يىلىدىن بېرى بۇ مۇسابىقىنىڭ بىرقىسىم تۈرلىرىنى ئىزچىل كورلىدا ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك قاتتىق ئەىيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان خىتاي، بۇ مۇسابىقىنى ئىزچىل كورلىدا ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقچى ئىكەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، مۇسابىقىنىڭ 13-ئاۋغۇست كۈنى باشلانغانلىقى، ئۇنىڭغا 5 دۆلەتنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇسابىقىگە رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئىران، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم. بۇ دۆلەتلەر ھەر قېتىم ئۇيغۇرلا رمەسىلىسى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلگەندە خىتاينى قوللاپ كەلگەن دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. «خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ مۇسابىقىدە بەش دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر ۋە ئەسكەر «سۇۋوروف ھۇجۇمى» ۋە «بىخەتەر يول» دېگەن ئىككى مۇسابىقە تۈرىدە كەسكىن رىقابەتلىشىدىكەن.
خەۋەردە، تەرەپلەرنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ھەربىي لاۋازىمەتلىرىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولىدىغانلىقى، مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى، ئۆز ئارا ئىشەنچ, دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. كورلىدىكى ھەربىي مۇسابىقە رۇسىيە ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلغان، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كۈچەيگەن، خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بۇ مۇسابىقىنى داۋراڭ قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر يىلدىن يىلغا ئازىيىپ ماڭغان، 2018-يىلى ئۇنىڭغا 10 دۆلەت قاتناشقان بولسا، بۇ يىل 5 كە چۈشۈپ قالغان.