خىتايلارنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى «كۈنتاختا ئۇۋىسى» پاچاقلاپ تاشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.05.12

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ساقچى دائىرىلىرى كالىفورنىيە ۋە فىلورىدا شىتاتلىرىدىكى خىتايلار ماڭدۇرۇۋاتقان كۈنتاختا زاۋۇتلىرىنى تۇيۇقسىز تىنتىپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت ۋە ئىشخانىلىرىنى پېچەتلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «جىنكو كۈنتاختا شىركىتى» نىڭ باش شىتابى شاڭخەي شەھىرىدە بولۇپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى بۇ زاۋۇتلىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئاختۇرۇش بۇيرۇقى بويىچە ئاختۇرۇلغان. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى ئاختۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى ھازىرچە ئاشكارىلىمىغان. مەزكۇر شىركەت بولسا دۇنيادىكى كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشتا مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان زاۋۇتلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئەمما شىركەتنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بىز ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ۋە ئامېرىكا قانۇنلىرىغا تولۇق رىئايە قىلغان ئاساستا ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز» دەپ تۇرۇۋالغان.

«فىلورىدا خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى «جىنكو» شىركىتىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئاۋۋال باشقا بىر مەملىكەتكە ئەۋەتىپ، شۇ جايدىن ئامېرىكا تەۋەسىگە ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما دۇنيادىكى كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايدىن كېلىدىغانلىقى، خىتاي تەمىن ئېتىۋاتقان ھەمدە غايەت زور جاپالىق جىسمانىي ئەمگەك بەدىلىگە پۈتۈپ چىقىۋاتقان بۇ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

«فوربېس» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ئاسىيا تەۋەسىدىن كۈنتاختا ئىمپورت قىلىشقا ۋاقتىنچە چەك قويماسلىق» ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.