ئەن رەن تەخەللۇسىدىكى تۇڭگان شائىر شۈي خاۋشىن يېقىندا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇنى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلماقچى بولغان ئەن رەننىڭ ئېغىزىنى ئېتىش ھەرىكىتى» دەپ ئىزاھلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 16-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ۋە ئەن رەنگە تورلارغا قالايمىقان نەرسىلەرنى چاپلىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. «قالايمىقان نەرسىلەر» دېيىلگەنلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇتقۇن ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى تور يازمىلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي دائىرىلىرى ئەن رەندەك بىر شائىر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىشى لازىم ئىدى» دېگەن.
ئەن رەن رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مېنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، شىنجاڭدا ھازىر زور كۆلەملىك تۇتقۇن داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىنىۋەرسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ يامان بولىدۇ. شۇڭا مەيلى نېمە كۆرسەم كۆردۈم، ئىشقىلىپ ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيمەن» دېگەن.
ئۇ زىيارەت جەريانىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ گىتلېر گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى پاجىئەگە بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.