خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇيغۇر رايونىدا 3 مىليوندەك مۇسۇلمان قامالغان لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر رايوندا «ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىلمىغان، شۇنداقلا بىرمۇ جازا لاگېرى مەۋجۇت ئەمەس» ئىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 13‏-فېۋرال كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكۇ مائاس بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان.

ۋاڭ يى «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە كەلگەن ئىدى. يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» 14‏-فېۋرال باشلانغان.

3 كۈنلۈك يىغىنغا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون، كانادا باش مىنىستىرى ترېدو، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، ئىران تاشقى ئىشلا مىنىستىرى مۇھەممەت جاۋاد زارىف، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ش ئا ئە ت باش كاتىپى ستولتېنبېرگ قاتارلىق قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» خىتاينى قاپلىغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تارقىلىپ، ئۇنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى خەلقئارا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىدە قاتتىق ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى خەيكۇ مائاس بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇخبىرلارنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى جۈملىدىن دىپلوماتلارنى شىنجاڭغا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىئىنەزىرى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىر نۇقتىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھېچكىم بىرەر جازا لاگېرىنى، ھېچقانداق بىر بۇزغۇنچىلىقنى كۆرۈپ باقمىدى» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جازا لاگېرى، بىر مىليون ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، دېگەنلەر پۈتۈنلەي «ئۆسەك سۆز» ھەم «ساختا خەۋەر» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، كېيىنرەك بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان، ئىران، بېنگال، مىسىر، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىر، دىپلوماتلىرىنى مەزكۇر رايوندا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى خالىغان لاگېردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.