ئامېرىكا ھىندى-تېنچ ئوكيان قوماندانى سامۇئىل پاپارو: «خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرى تەيۋەننى ئىشغال قىلىشنىڭ سىناق مەشىقىگە ئوخشايدۇ»

ئامېرىكا ھىندى-تېنچ ئوكيان ھەربىي قۇۋۋەتلىرىنىڭ قوماندانى سامۇئىل پاپارو خىتاينىڭ يېقىندا تەيۋەن ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنى «تەيۋەننى ئىشغال قىلىشنىڭ رېپىتسىيەسى (سىناق مەشىقى)» گە ئوخشاتقان.

سامۇئىل پاپارو (Samuel Paparo) ياپونىيەنىڭ «نىككى ئاسىيا» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ تەيۋەننى چۆرىدىگەن ھالدا قىلغان ھەربىي مانېۋىرى تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان سىناق مەشىقىگە ئوخشايدۇ. ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئورگىنى خىتاينىڭ مانېۋىرىنى كۆردۇق ۋە ئۇنى تەھلىل قىلدۇق. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ».

تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى لەي چىڭدې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئەتراپىدا ئىككى كۈنلۈك كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان ۋە بۇ مانېۋىرىنى تەيۋەننىڭ «بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» گە بېرىلگەن «جازا» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ مانېۋىرغا خىتاينىڭ نەچچە ئون كۈرەشچى ئايروپىلانى، قوغلىغۇچى ۋە قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرىدىغان تېز يۈرەر پاراخوتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.

سامۇئىل پاپارو 1979-يىلىدا ئامېرىكا ماقۇللىغان تەيۋەن ھەققىدىكى قانۇننى تىلغا ئېلىپ، «ئەگەر رايوندا ھەقىقەتەن بىر توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئۇ ھالدا ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىدىغانلىقى؛ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ كامىللىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا قارىتا ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە باشقا شېرىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى بۇ «نىيىتىدىن يېنىشقا مەجبۇرلايدىغان» ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

قوماندان سامۇئىل پاپارو مۇخبىرلارنىڭ «خىتاي قاچان تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇنى خىتاينىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. . . ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مېنى مەيلى بۈگۈن، مەيلى ئەتە، مەيلى كېلەر ئاي ۋە ياكى كېلەر يىلى بولسۇن، ‹تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى›غا ئاساسەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇدى» دېگەن.