خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 5-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇستا ھەربى مەنىۋېر ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ 99A تىپلىق 3-ئەۋلات يېڭى تانكىسىنى سىناق قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 99A تىپلىق تانكىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى، رەقەملىك سىستېما ۋە ئوپتىكىلىق ئەسۋاپلار بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى ئەۋلات ئۇرۇش قورالى بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تېز زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
«ياۋروپا ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ 99A تىپلىق تانكىسى ئۇنىڭ يېڭى ئەۋلات ئاساسلىق ئۇرۇش تانكلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئوت كۈچى ئىقتىدارى ياخشىراق ۋە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن خەۋەردە، مانىۋېرنىڭ كونكىرېت قايسى جايدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇنىڭغا قايسى قىسىملارنىڭ ۋە قانچىلىك ئەسكەرنىڭ قاتناشقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا يەنە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 86 تىپلىق پىيادىلەر ئۇرۇش ماشىنىسىمۇ قاتناشقان بولۇپ، مانىۋېر لەنجو ئۇرۇش رايونىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق بىر دېۋىزىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھەبىي مانىۋېرنىڭ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۇنىس، سېربىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىكى 30 دىن ئارتۇق دىنىي ئۆلىمانى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى مەسچىت، چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدۇرغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى، دىققەت قوزغىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا رەت ئاۋازى بېرىپ، خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەر ئىكەن.