«خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قاراقۇرۇم تاغلىق رايونىدا تاكتىكىلىق ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1-يانۋاردىن 3-يانۋارغىچە داۋاملاشقان مەزكۇر مانېۋىر قاراقۇرۇم تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىزلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مانېۋىردا راست ئوق ئىشلىتىلگەن.
خەۋەرلەردە مانېۋىرنىڭ كىمنى نىشان قىلغانلىقى، قاراقۇرۇمنىڭ كونكرېت قايسى جايىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى, قانچىلىك ئەسكەرنىڭ قاتناشقانلىقى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلۈشى، شۇنداقلا قازاقىستاندا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى پارتلىغان ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى قازاقىستانغا قوشۇن كىرگۈزگەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىغان. بۇ ئىككى ئىشنىڭ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغانلىقى ياكى مەقسەتلىك مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
لېكىن «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ۋىدېئولۇق خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانېۋىرغا خېلى كۆپ ساندا تانكا ۋە برونېۋىك قاتناشقان. بۇ خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ يېڭى يىل كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇرلار رايونىدا ئېلىپ بارغان تۇنجى ھەربىي مانېۋىرىدۇر. خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق مانېۋىرى «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ قوماندانلىقىدا ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان. شۇ قېتىملىق مانېۋىردىمۇ راست ئوق ئىشلىتىلگەنىدى.
