خىتاي ئارمىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىدا بومبا ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارغان

«خىتاي ئارمىيە تورى» نىڭ 21-ئاپرېل كۈنى چىقارغان ۋىدىيولۇق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ توپچىلار ئەترىتى تەكلىمكان چۆلىدە توپ ئوقلىرى ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارغان.

روزا ھېيت كۈنى چىقىرىلغان بۇ خەۋەردە، توپچىلار ئەترىتىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە بۇ مەشىقنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۇچۇرى بېرىلگەن. قۇتلۇق روزا ھېيت كۈنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىقى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا توپ ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارغانلىقى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ۋىدىيودا كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردە، ئۇزۇن كالبېرلىق توپ زەمبىرەكلىرىنىڭ سەپ تارتىپ تەقلىدىي جەڭ مەيدانىغا كېتىۋاتقانلىقى، خىتاي توپچىلىرىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى مەلۇم دائىرىدە ئارقا-ئارقىدىن توپقا تۇتۇپ، قۇملارنى ھاۋاغا سورىغانلىقى، ئەتراپنى قويۇق ئىس-تۈتەك ۋە قۇم-توزانغا تولدۇرغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.

بۇ ۋىدىيو يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى «سۇمرۇغ تورى» دىمۇ تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، «توپ ئوقلىرى يەر-جاھاننى تىترەتتى، توپچىلار كۈچنى يىغىپ نىشاننى بومباردىمان قىلدى» دېيىلگەن. خىتاي قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ مەلۇم نىشاننى كەڭ كۆلەملىك، شىددەتلىك پارتىلىتىش كۈچى ۋە ھەيۋىسى كۆرسىتىلگەن.

ئۆتكەن يىلمۇ 4-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قاراقۇرۇم تاغ رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسمى مۇرەككەپ جەڭ مۇھىتىغا ماسلىشىش ۋە ھەقىقىي قوراللار بىلەن جەڭ قىلىش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ 70 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، «چېگرا قوغداش» ۋەزىپىسىدىن باشقا يەنە «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش ۋەزىپسىمۇ بار ئىكەن.