خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە بىر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى، مانېۋىرغا بومباردىمانچى ئايروپىلان، كۈرەشچى ئايروپىلان، ئالدىن سىگنال بەرگۈچى ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان بۇ خەۋەردە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن ئېنىق ئورۇننى تىلغا ئالماسلىق بىلەن بىرگە يەنە بۇ مانېۋىرنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى رايوننى نىشان قىلمىغانلىقى، ئۇنىڭ پەقەت ئادەتتىكى مەشىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۆز دېڭىز تەۋەسىدىن ئۇزاق جايلاردا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشنى كۆپەيتكەنلىكى دىققەت قوزغىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەيۋەن ۋە ياپونىيەگە يېقىن جايلاردا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرلىرى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلغان ئىدى.

ئاق ساراي تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» ناملىق دوكلاتتا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. خىتاينى «رىقابەتچى» دەپ ئاتىغان بۇ دوكلاتتا «خىتاي ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس قىلىۋاتىدۇ،» دېيىلگەن. بىراق، بۈگۈن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاق ساراينىڭ بۇ دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋاتىدۇ،» دېگەن.