خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسەتتى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھۇجۇملار كەينى - كەينىدىن يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 29 - ئىيۇن ئۈرۈمچىدە چوڭ تىپتىكى بىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كۈچ كۆرسەتتى.

مانېۋىرنى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مانېۋىرغا تانكا، ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە برونېۋىكلار قاتناشتۇرۇلدى. مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن خەلق مەيدانى قاتارلىق رايونلار قامال قىلىنىپ، باشقىلارنىڭ كىرىشى چەكلەندى.

بىزگە كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە رەسىملەرگە قارىغاندا، مانېۋىر چوڭ تىپتىكى نامايىشلارنى باستۇرۇش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مانېۋىر 29 - چېسلا كەچقۇرۇنغىچە داۋام قىلغان.

مانېۋىر داۋامىدا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا خۇددى 2009 - يىلدىكى «5 - ئىيۇل نامايىشى» قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىنكىگە ئوخشاش بىر خىل سوغۇق كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كەچقۇرۇن نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغان ۋە ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى شۇ يىلى كۈزگىچە قامال قىلىپ تۇرغان ئىدى.