تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ «خىتاي مايىللىقى» تەدرىجىي ئاۋسترالىيەگە يۆتكەلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىكى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ مەزكۇر رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك سۆھبەتلىرى 30-ماي كۈنى ئاخىرلاشقان. بۇ جەرياندا ۋاڭ يى تىنچ ئوكياندىكى فىجى قاتارلىق ئون دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئەركىن سودا، ساقچىلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئاپەتلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق تېمىلار بويىچە سۆھبەتلەشكەن. ئەمما سۆھبەتتىن كېيىن تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ رايون مىقياسىدىكى سودا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا رادىيو شىركىتى (ABC) نىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فىجىنىڭ باش مىنىستىرى فرانك باينىماراما (Frank Bainimarama) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئۆز قارىشىمىز توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق. تىنچ ئوكياندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئورتاق تونۇش بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە تېخىمۇ مۇنبەت بولغان ئاساسنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز» دېگەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننى ۋوڭ (Penny Wong) ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقى ئارقىلىق تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان «تىنچ ئوكياندارچىلىق مۇناسىۋىتى» بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئېيتىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى مۇشۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئادا قىلىشى كېرەك. بۇ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىۋېلىشى بىھاجەت» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيەنىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە يېڭى «ئېنېرگىيە» ۋە «ئۈمىد» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنە مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشلار ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىمقى تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش جەريانىدا گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلاردىن بەش كىشىنى قوبۇل قىلغان پالاۋ (Palau) نىڭ پرېزىدېنتى سۇرانگېل ۋىپس (Surangel Whipps) باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوبدانراق ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىرغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «تىنچ ئوكيان رايونى تىنچلىققا ۋە بىخەتەرلىككە ئېھتىياجلىق. ئەمما بىز بۇنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەندىزە بويىچە باشقىلارنىڭ قولىدىن ئالساق بولمايدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى فىجى بىلەن ئۈچ چوڭ شەرتنامە ئىمزالىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ساھەسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ بىزنىڭ ئەبەدىيلىك پىرىنسىپىمىزدۇر. بىز ھېچقاچان باشقا دۆلەتلەرنى ھېچقانداق ئىشلارغا مەجبۇر قىلمايمىز» دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ «بەزىلەر بىزنى نېمە ئۈچۈن تىنچ ئوكيان رايونىدا بۇنچە ئاكتىپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ سوراۋاتىدۇ. مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ جايدا ئەندىشە قىلغۇدەك ھېچنەرسە يوق» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئافرىقىدا، ئاسىيادا ھەمدە لاتىن ئامېرىكاسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش» نامىدىكى «قەرز دىپلوماتىيەسى» نىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە بېقىندى قىلىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا ھەربىي بازا قۇرۇش، كان قېزىش ھوقۇقلىرىنى بېرىش، ھەتتا دۆلەت زېمىنىنى كېسىپ بېرىش ئارقىلىق قەرز تۆلەشكە مەجبۇرلاش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە كۆپ قېتىم ئاشكارا بولغانىدى.