خىتايدىن كېلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختايلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىدا كۆپلەپ سېتىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختايلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقاندىن بۇيان بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۈچلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن جون ئوسسوف قاتارلىقلار بۇ يىل 21-ئىيۇندا «ئامېرىكا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى» نى سۇنغان بولۇپ، يېقىندا ئۇلار «خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنى مەنئى قىلىش» نى تەكىتلىگەن. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىملىقىنى، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يىللىق باج قايتۇرۇش ئىشلىرىدا ئېتىبار بېرىشنى ئېيتقان. جون ئوسسوف بۇ ھەقتە تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە «بىزنىڭ كىلىمات مەسىلىسىنى ئويلىشىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىزمۇ بار. ئەمما بىز ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان قۇياش ئېنېرگىيە تاختايلىرىغا بەكلا ئېغىر تايىنىپ قالىدىغان ۋەزىيەتتە. شۇڭا بۇنى ئۆزگەرتىش لازىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن. ناۋادا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا دائىر بۇ قانۇن لايىھىسى ماقۇللانسا بۇنىڭ ئىجابىي تەسىر بەكلا زور بولىدىكەن.