ماركو روبىيو قاتارلىقلار خىتاينىڭ «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو قاتارلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىنغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ زاۋۇتلىرىنى مېكسىكىغا يۆتكەش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىدىن قېچىش قىلمىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

17-سېنتەبىر كۈنى، ماركو روبىيو ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ۋە باشقا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىمزا قويغان بۇ خەتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامېرىكا سانائىتىنى قوغداش كېرەكلىكى چاقىرىق قىلىنغان. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكانىڭ سانائىتى ۋە چىداملىق ئىقتىسادىي كۈچىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ‹ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى› دىن خالىغانچە پايدىلىنىشىنى توسۇشىمىز كېرەك. بۇ بىر جەھەتتىن، مەزكۇر سودا كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشىمىز ئۈچۈندۇر. ئەگەر رەھبەرلىرىمىز بۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ بۇنىڭغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك، بولمىسا ھەر قانداق كۈچلۈك گەپنىڭ ئامېرىكا سانائىتىگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ».

خەتتە دېيىلىشىچە، مېكسىكادىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاينىڭ مېكسىكادا قۇرغان زاۋۇتلىرى ئىشلەپچىقارغان. بۇ مەھسۇلاتلار مېكسىكا چېگراسىدىن كىرگەنلىكى ئۈچۈن، 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان. مېكسىكانىڭ ھازىر ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. گەرچە بايدىن ھۆكۈمىتى 2024-يىل 7-ئايدا «شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن باشقا جايدا تاۋلىنىپ، مېكسىكادىن كىرگەن تۆمۈردىن 25 پىرسەنت باج ئېلىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، مېكسىكانىڭ ئۆزىدە تاۋلانغان تۆمۈردىن باج ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ تۆمۈرلىرى يەنىلا مېكسىكادىن كىرىۋەرگەن.

ماركو روبىيو بۇ ئەھۋالنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، «بىز بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، چۈنكى ئۇ ئامېرىكانىڭ پولات-تۆمۈر زاۋۇتى ئىشچىلىرىنى ئىشسىز قويىدۇ، پولات-تۆمۈر شىركەتلىرىنى نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ بىرلىشىپ بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدىن مېكسىكادىن كىرگەن ھەر قانداق پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن 25 پىرسەنت باج ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا چاقىرغان.