ئانتونى بلىنكېن: «خىتايغا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا يۈرگۈزگەن قىلمىشلىرىغا قارشى تۇردۇق ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىردۇق»

16-فېۋرال، ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن رادىيو سۆھبىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتتە ئانتونى بلىنكېن سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ تەسىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

ئانتونى بلىنكېن دونالد ترامپنىڭ سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ توغر بولغانلىقىنى، ئەمما خىتايغا قارشى خەلقئارا بىرلىك سەپ قۇرالمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم غەرب ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قايتىدىن كىرىشى كېرەك، بولمىسا بۇنىڭ ئورنىنى خىتاي ئىگىلەپ، ئامېرىكىغا بېسىم قىلىدۇ.

ئانتونى بلىنكېن مۇخبىرنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايدەك بىر ھۆكۈمەت بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان زور مەسىلە. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر ئىككى تەرەپكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر ئۇسۇلنى تېپىشىمىز كېرەك. بىز ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى دىپلوماتىيە سىياسىتىمىزنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بېرما مەسىلىسىدە بىز بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيبلىدۇق ۋە باشقا دۆلەتلەرنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردۇق. خىتايغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خوڭ كوڭلۇقلارغا يۈرگۈزگەن قىلمىشلىرىغا قارشى تۇردۇق ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىردۇق».

ئانتونى بىلىنكېن يەنە خىتاينىڭ جىنايىتىنى توسۇش ئۈچۈن نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلماسلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلماسلىقنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان مۇھىم ئىشلار ئىكەنلىكىنى، 2022-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق مەسىلىسىگە شۇ ۋاقىت كەلگەندە قارار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.