2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى ھىندى-تىنچ ئوكيان شۆبىسىنىڭ باشلىقى ياڭ كىم (Young Kim) ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى» مەزكۇر كومىتېت تەرىپىدىن ماقۇللانغان.
ياڭ كىم ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ خۇشخەۋەرنى ئېلان قىلىپ: «خىتاي ئۆزىگە مۇھتاج دۆلەتلەرنى تالان-تاراج قىلماقتا، شۇڭا ئۇ خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ۋە ئورگانلارنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىدىغان ئېتىبارىغا ئېرىشمەسلىكى كېرەك» دېگەن.
ياڭ كىمنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارادا «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ دۇنيادىكى ھەقىقىي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئېرىشىدىغان ئىمتىيازنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقى مەك كاۋۇل (McCaul) بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن تەبرىك سۆزى قىلىپ: «خىتاي گەرچە ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دېسىمۇ، ئۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ دۇنيادا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ‹تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت› دېگەن قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىرىمەن» دېگەن.
مەك كاۋۇل يەنە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەلگۈسى دەۋرگە تەھدىت سالىدىغان ئىغۋاگەرچىلىكىگە زەربە بېرىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى» دا سۆز قىلىپ: «شەك شۈبھىسىزكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكى ئامېرىكاغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. خىتاينىڭ ھاۋا شارى ئامېرىكانىڭ مۇھىم ھەربىي بازىلىرىنى چارلىدى. بۇ بىر دۇنياۋى كۈرەش، ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولسا تېخنىكا ئۈستۈنلۈكى. بىز كۈچلۈك دىپلوماتىيە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ھالقىلىق تېخنىكا ھەمدە ياساش سانائىتى جەھەتتىكى ئىقتىدارىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەككى، خىتاي ئەمدى بىزنىڭ ياردىمىمىزدىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قەرز توزىقى دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بارالمايدۇ. شۇغىنىسى، بىز ئىدېئولوگىيە جېڭىدە ئارقىدا قالدۇق، ئامېرىكالىقلارغا جەڭ قوڭغۇرىقى چالىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن.