رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى G-7 دۆلەتلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك «ناچار ھەرىكەتلەر» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايغا زەربە بېرىشنى ۋە شۇنداقلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئۈنۈمسىز قائىدىلىرىنى تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ئەنگلىيە G7 دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىللىق رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى لىز ترۇس 31-مارت كۈنى G7 دۆلەتلىرىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى مەسئۇلىنى كۈتۈۋالىدىكەن.
لىز ترۇس يېقىندا «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بۇ خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق تۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ يەرشارى سودا سىستېمىسىدىكى ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغان ۋاقىتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىمۇ ئىسلاھ قىلىدىغان پەيت. نۇرغۇن تەرەپلەردىن قارىغاندا ئۇ 90-يىللاردا توختاپ قالدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىنمىسا، G7 دۆلەتلەر ئۆز ئىچىدە سودا قىلىدىغان باشقا رامكىلارنى تاپالايدۇ».
لىز ترۇس خانىم يەنە، G7 دۆلەتلىرى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنىدىن ئىلگىرىكى باياناتىدىمۇ خەلقئارا سودا ئادىل بولمىغان تەقدىردە، ئەركىن تىجارەتكە بولغان ئىشەنچنىڭ يوقايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «زورلۇق ئىشلىتىشتىن تارتىپ مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشقىچە بولغان ناچار ھەرىكەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىنى يوقاتتى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا خىتاي ئىقتىسادى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئون پىرسەنتىچىلىك ئىدى. ئۇنىڭ ھازىرمۇ ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك» دېگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن قاتارلىق G7 دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يەرشارىۋى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەن. يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئائىت بىر ئىستراتېگىيەلىك دوكلاتتا، ھىندى-تېنچ ئوكياندا خىتاي تەسىرىنى تەڭشەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىش زۆرۈرلۈكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مۇستەبىت رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي كۈچ ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت تەھدىت، دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىكەن.