كۆزەتچىلەر: «جۇدالىق ھەسرىتى خىتاينىڭ رەزىللىكىنى دۇنياغا روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-04-21
Share

خىتاينىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئالاقە ۋە بېرىش-كېلىش يوللىرىنى قامال قىلىشى كۆپلىگەن تراگېدىيەلىك ھېكايىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، مۇھىم خەلقئارا ئاخبارات تېمىلىرىغا ئايلانماقتا.

21-ئاپرېل «دىپلومات» ژۇرنىلىدا «يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلىرى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 5 يىل بۇرۇن قىزىدىن ئايرىلغان بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن مەريەم ئابدۇلھەمىد 4-بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن 2016-يىل تۈركىيەگە كەلگەن، شۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن قىزى رىزۋانگۇلنىڭ پاسپورتى چىقمىغانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ قېشىدا قالغان. مەريەم ئابدۇلھەمىد بۇ قىزى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2017-يىل كۆرۈشكەندە قىزى: «دادام قېنى؟ مەن بۇ يەردە يالغۇز قالدىم، ھېچكىم مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالمايدۇ» دېگەن. دېمەك، دادىسىنى خىتايلار لاگېرغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ قىز يالغۇز قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئائىلىنى قارا تىزىملىككە تىققاندىن كېيىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىغان.

قىزىنىڭ دەردىدە پۇچۇلىنىپ، كېچە-كۈندۈز ئازاب تارتىپ يۈرگەن مەريەم ئابدۇلھەمىد مۇخبىرغا: «بۇ دۇنيادا ئادالەت نەگە كەتتى؟ قىزىمنى ئويلاپ ساراڭ بولاي دېدىم. ئەڭ كىچىك بالام دادىسىنى تېخى كۆرمىدى. بالىلىرىم يېنىمغا ئەكىلىشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ، چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، ئەگەر ئىمانىم يول قويغان بولسىدى، ئاللىبۇرۇن ئۆلۈۋالغان بولاتتىم» دېگەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئازاب تارتىۋاتقان ئۇيغۇلاردىن باشقا،

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا قېرىنداشلىرىنىڭ دەردىدە ئازاب چەكمەكتە ئىكەن. ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان پەرزەنتلەرنىڭ «ئاتا-ئانام قېنى؟» دەپ چوقان كۆتۈرۈشى، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئانىلارنىڭ «بالىلىرىم قېنى» دەپ نالە-پەرياد قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي كونسوللىرى ئالدىدا نامايىشقا چىقىشى خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل سىياسىتى ۋە قورقۇنچلۇق ماھىيىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت