جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇنازىرىسىدە خىتاي مەسىلىسى تالاش-تارتىش قىلىندى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە بەس-مۇنازىرىسى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بەس-مۇنازىرىدە، بەزى نامزاتلار ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسى، قەرز مەسىلىسى ۋە تور بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تالاش-تارتىش قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلار نامزاتى، ئاتاقلىق ئۆي-مۈلك سودىگىرى دونالد ترۇمپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ سودىدا خىتايغا ئۇتتۇرۇۋاتقانلىقىنى، سودا ۋە چېگرا مەسىلىسىدە مېكسىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلار نامزاتى، كېنتاكى شتاتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى راند پائۇل، خىتاينىڭ ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان دۆلەت ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز خىتايدىن پۇل قەرز ئېلىپ، باشقىلارغا تارقاتماسلىقىمىز كېرەك، بىز پۇل تارقىتىشنى نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىزدىن باشلاپ توختاتمايمىز» دېدى.

تېكساس شتاتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تەد كرۇز خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆزلەپ، پرېزىدېنت ئوباما ۋە ھېلارى كلىنتوننىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى تور ئۇرۇشى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن 17 كىشى ئۆزىنى مەزكۇر پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى. پەيشەنبە كۈنكى مۇنازىرىگە 10 نامزات قاتناشتى.