30-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دائىملىق ئوقۇيدىغان «خېل»، يەنى «تۆپىلىك» ناملىق گېزىتتە «خىتاينىڭ بەختىيار كېلەچىكى-بىر سىستېما ۋە 6 دۆلەت» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالە 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ھازىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جوسېف بوسكو تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ ماقالىسىدە تارىخى پاكىتلاردىن قارىغاندا ھەرقانداق كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرىنىڭ 70 يىل بولغانلىقىنى ۋە ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭمۇ دەل ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان مەزگىلگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «تىيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى غەربنىڭ توغرا بولمىغان سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن 40 يىللىق ئۆمرىنى ئۇزارتىۋالغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاخىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى. دونالد ترامپ ۋە خوڭكوڭ بولسا ئۇنىڭ ھالاكىتىنىڭ قوڭغۇراق ساداسىدۇر».
ئاپتور ماقالىسىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنلا دەرھال ئىلگىرىكى پرېزىدېنتلاردىن ناھايىتى پەرقلىق ۋە كەسكىن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دۆلەت دەپ بېكىتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ خىتايغا قارىتىلغان سودا جازا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغۇچى كۈچلىكىنىمۇ قەتئىي يوسۇندا تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى مۇنداق بايان قىلغان: «پرېزىدېنت ترامپ قولىدىكى ناھايىتى مۇھىم كوزۇرلارنى يەنى خىتاي كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى كىرىزىستەك بۇ مۇھىم كوزۇرلارنى تېخى خىتايغا قارشى قوللانمىدى. ئەمما ھازىر سودا ئۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا بېيجىڭنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. . .»
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ سودا ئىختىلاپىنىڭ خىتايغا كەلتۈرۈۋاتقان زىيىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىر بولۇۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ مۇشۇنداق داۋام قىلسا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىققا سېلىۋاتقان غايەت زور مەبلىغىنى شۇنداقلا «جۇڭگو ئارزۇسى» رامكىسى ئاستىدىكى پىلانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولماي قالىدىكەن.
خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىمۇ خىتاينىڭ خەلقئارا ئالدىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋەدىسىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولۇپ، ئۇ ھازىر خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «خىتاي ئېنىقكى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەننىڭ دېموكراتىيە مودېلىنىڭ خەلقىگە، بولۇپمۇ بويسۇندۇرۇلغان زېمىنلىرى بولغان تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دىكى خەلقلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بىر چىقىش يولى بارلىقىنى بىلىشىنى بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ توسىدۇ».
ئاپتور جوسېف بوسكو ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدىن قارىغاندا خىتايغا بېسىم قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك خىتايدا دېموكراتىيەدىن ئىبارەت بىر سىستېما ۋە 6 دۆلەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يول بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ ماقالىسىدە «مۇستەقىل خوڭكوڭ، تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان، موڭغۇلىيە، تىبەت» لەرنى تىلغا ئېلىپ، مانا بۇنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون خەلق ھەقىقەتەن قارشى ئالىدىغان «جۇڭگو ئارزۇسى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.