ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كاتتون خىتاينىڭ «سودىدىكى ئېتىبارلىق دۆلەت» لىك ئورنىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون 14-سېنتەربىر خىتاينىڭ «سودىدىكى ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت» لىك ئورنىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قانۇن لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«دۆلەتلىك تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تام كاتتون ئۆزىنىڭ بۇ پىلانىنى فوكس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېلان قىلغان. ئۇ ئامېرىكا دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدېننىڭ ئۆز ۋاقتىدا خىتايغا «سودىدىكى ئەڭ ئېتىبارلىق دۆلەت» لىك ئورنى بېرىشنى قوللىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تام كاتتوننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ يېڭى قانۇنىغا ئاساسەن «ئەگەر خىتاي غەربىي تىنچ ئوكياندا ئامېرىكا پاراخوتلىرىغاس قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتسا ياكى بۇ يىل قىلغاندەك خوڭكوڭدا باستۇرۇش ئېلىپ بارسا، ئۇنىڭ ھەر يىلى سودىدىكى ئېتىبارلىق دۆلەتلىك ئورنى قايتا يېڭىلانمايدىكەن.» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2000-يىلى خىتايغا «سودىدا مەڭگۈلۈك ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت» لىك ئورنى بېرىپ، ئۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.

تام كاتتون 14-سېنتەبىر تىۋېتتىرغا ئۇچۇر يوللاپ، جو بايدېننىڭ 20 يىل ئاۋۋال خىتايغا ئالاھىدە سودا سالاھىيىتى بېرىشنى قوللاپ، ئامېرىكادا ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەپتە سۇنىدىغان قانۇن لايىھەسى بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن «دۆلەتلىك تەقرىز» ژۇرنىلىنىڭ تەكىتلىشىچە، جو بايدېن ئۆتكەن ھەپتە CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلغان.