بېن كوخېن: «خىتاي يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇۋاتىدۇ!»

ئامېرىكا دېموكراتىيەسى ئېغىر كىرىزىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، دەپ قارىلىۋاتقاندا بۇ ھالنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، بولۇپمۇ خىتايدا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان زور غۇلغۇلا قوزغاشقا باشلىدى. سىياسىي ئانالىزچى بېن كوخېننىڭ «يەھۇدىي خەۋەر ئامبىرى» نىڭ تور بېتىدە 23-نويابىر ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا بۇ مەسىلە ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ۋەدىسىنى بەربات قىلىشى ھەمدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنى «ئۆلچەملىك پۇقرا» غا ئايلاندۇرماقچى بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىغا قايسى دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەڭ يارقىن كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئۆزىدە سىياسىي كۆزقاراشلار سەۋەبىدىن زور تەۋرىنىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلىشى ھەمدە ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىۋى ئانتونيو گۇتتېرېسقا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە مەخسۇس ۋەكىل تەيىنلەش» مەزمۇنىدا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىشى بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ھەرىكەت ئىكەن.

گەرچە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ئىشلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى رامىزان مەزگىلىدە چوشقا گۆشى يېيىش ۋە ھاراق-پىۋا ئىچىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشلىرى ئاللىقاچان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ياكى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، خەلقئارانىڭ بۇ ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ھازىرغىچە ئەمەلىلەشمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرنى «بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا ئارىلاشقانلىق» دەپ رەت قىلماقتىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «ئىگىلىك ھوقۇق» چۈشەنچىسى ھەرقاچان «ئۆز تېرىتورىيەسىدە نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىش» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدىكەن. دەل مۇشۇ ھادىسە نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنيانىڭ كۆزىدىن خالىي قالدۇرماقتىكەن.