USCC: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىن ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچ تالاشماقتا»

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئىنگىلىزچە قانىلى 1-دېكابىر ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش كومىتېتى (USCC) نىڭ يىللىق دوكلاتى ئاساسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىن ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچ تالاشماقتا» ناملىق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىساد جەھەتتە كەسكىن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

USCC ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر ئۆزىنى ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن دۇنيا تەرتىپىنى ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى قايتا بەلگىلەش ئۈچۈن سىستېمىلىق كۈرەش قىلىۋاتىمىز دەپ قارايدىغانلىقى ئېيتىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا: «خىتاي ھازىر كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچى بىلەن خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىشكە ھەمدە زومىگەرلىك سىياسىتىنى قانۇنلاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا؛ ئىقتىساد، بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ھەقلىق دەپ قارىغان دۇنيا خوجايىنلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا،» دېيىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلارغا غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنى «دۇنياۋى قوشۇن» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلانغانلىقى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دېڭىز پورتلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ناھايىتى زور داغدۇغا بىلەن باشلىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئالدى بىلەن كورونا ۋىرۇسىنى دۇنياغا تارقىتىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزىنى دۇنيانى بۇ بالا-قازادىن «قۇتقۇزغۇچى» قىلىپ كۆرسىتىشى ئىكەن. خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن توقۇنۇشى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ئەنگىلىيەگە بېسىم قىلىشى قاتارلىقلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئوبرازى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئۆكتەملىك بىلەن دۇنيا خوجايىنلىقىنى تالىشىشقا ئۇرۇنۇشى ئىكەن. خىتاينىڭ تىبەت ۋە موڭغۇللارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان قەبىھ سىياسىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىش جىنايىتى، خوڭكوڭغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىشى قاتارلىقلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا نىيىتىگە نىسبەتەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋەقەلەر ھېسابلىنىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قەستى ۋە يوشۇرۇن دۈشمەنلىكىگە قارىتا ۋاقتىدا تەدبىر ئالغانلىقى، خىتاينىڭ سودىسىغا چەك قويغانلىقى، كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويمىغانلىقى، خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقى، «ماگنېتىسكى قانۇنى» نى يولغا قويۇپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغانلىقى، ئامېرىكادىكى خىتاي كۈچلىرى ۋە كۇڭزى ئىنسىتىتۇتلىرىنى چەكلەشكە ئۆتكەنلىكى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.