ئىمرۇل ئىسلام: «خىتاي مىللەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە يۈكسەلمەكتە!»

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور تۇتقۇن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدا خىتاي مىللەتچىلىكى ئىدىيەسىنىڭ قانداق رول ئويناۋاتقانلىقى كۆپىنچە ھالدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن خالىي قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئىمرۇل ئىسلام بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خىتايدىكى مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

3-ماي كۈنى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىشى «مىللەتچىلىكنىڭ بۇرمىلىنىشى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئادەتتە بىرەر دۆلەت بىر زور تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە بۇ تەھدىتنى دۈشمەنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا بىرماغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن زور تەھدىت، دەپ قارىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى بولغان مىللەتچىلىك ئىدىيەسى باش كۆتۈرگەن. خىتايدا بولسا ئىسلام دىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتايلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ئامىل بولغانلىقتىن، مىللەتچىلىكنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1990-يىللاردا ئۇيغۇرلار خىتايلارنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىگە خىرىس قىلغۇچىلار سۈپىتىدە باستۇرۇلغان بولسا، 2000-يىللاردىن كېيىن خەلقئارادىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دولقۇنىدا يەنە بىر قېتىم قاتتىق باستۇرۇلغان. 2016-يىلىدىن كېيىن بولسا «ئىسلام ۋەھىمىسى» نى مەنبە قىلغان خىتاي مىللەتچىلىكى ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنىغا ھۇجۇم باشلىغان ھەمدە ھازىرقىدەك ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا بەند بولۇشىغا سەۋەب بولغان.