خىتاينىڭ مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى «ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟
2023.05.01
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي پروفېسسورى لو گاۋيى 300 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى رەسسامغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بېزەكلىك ۋە قىزىل مىڭئۆيلىرىدىكى بۇزۇلغان تارىخىي رەسىملەرنى «قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» قۇرۇلۇشى، خىتاي ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
«تەڭرىتاغ تورى»، «شىنخۇا تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيان كۈچەپ تارقىتىۋاتقان بىر قىسىم خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش»، «مۇزېي قۇرۇلۇشى»، «قىزىل گېن تەلىم-تەربىيە بازىسى» ۋە «ئىنقىلابىي ساياھەت نۇقتىسى» قاتارلىق تۈرلەرگە زور مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلشات ھەسەن قاتارلىق بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇۋېتىش» دېگەن ناملاردىكى مىللى ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ھۈنەر-سەنئەت كەسپىنىڭ پروفېسسورى لوگاۋيى، 300 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالبېرت فون لېكوك (Albert von Lecoq)، گرۈنۋېدىل (Grünwedel) قاتارلىق گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى تۇرپان ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى مىڭئۆيلەردىن قېزىپ، ياۋروپاغا ئېلىپ كەتكەن مىڭئۆي تام رەسىملىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ قايتىدىن سىزىپ چىقىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن مىڭلارچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر ئەجداتلىرى تەرىپىدىن سىزىلغان بۇ تام رەسىملىرىنى قانداق «ئەسلىگە كەلتۈرۈدىغانلىقى» ۋە نېمىگە ئاساسەن «قايتا سىزىپ چىقىدىغانلىقى» توغرىلىق ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىگەن.
مەلۇمكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدىن 20-ئەسنىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېكىسپېدىتسىيە ئۆمەكلىرى تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە دائىر كۆپلىگەن يادىكارلىقلارنى ياۋروپاغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ھازىر بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سانكىت-پېتېربۇرگ، بېرلىن، پارىژ، لوندون قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇزېيلاردا كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي بىر خەلق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، خىتاي «پروفېسسورلار» ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى «قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقى، غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار، قەدىمكى مىڭئۆي تام رەسىملىرىنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تەشۋىقاتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.