خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 100 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى 29-ئىيۇل بېيجىڭدىكى «خەلق سارىيى» دا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇقاي كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى مەمەتجان ئۆمەرگە «1-ئىيۇل ئالىي مېدالى» بەرگەن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مۇكاپات سەھنىسىدە ئۇنى تەبرىكلەپ، مېدالنى ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ بوينىغا ئاسقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەمەتجان ئۆمەرگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئۈلگىلىك شەخس. ئۇ 30 يىللىق ئاساسىي قاتلام خىزمىتى داۋامىدا بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىغان؛ تەھدىتلەرگە قارشى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلىغان،» دەپ تەرىپلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنداق پائالىيەتلىرىدە بىرەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، «كومپارتىيەگە سادىق بولۇش» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. كوممۇنىست خىتاي بۇ قېتىم مەمەتجان ئۆمەرنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغىمۇ شەرەپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خەلقئارادىن كېلىۋاتقان بېسىمنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن، «ئۇيغۇرلار پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولغاندىلا نىجاتلىققا ۋە غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ» دېگەن مەقسەتنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.