تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئ‍ويلاشماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە تەقىبنىڭ بىۋاستە ھالدا غايەت زور كۆلەمدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن يېڭى زېللاندىيەدىمۇ بۇنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

«تەئەللۇقات» تېلېۋىزىيەسىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ھەمدە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماسلىق ۋە ماگىزىنلاردا ساتماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا دۇچ كېلىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى «زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش» پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىدە يېڭى زېللاندىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ لىدېرلىرى بۇ مەسىلىنى جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىش كۆرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىلدىكى ئەھۋال ئىزچىل خىتاي بىلەن «ساغلام مۇناسىۋەت» تە بولۇپ كەلگەن ئېرلاندىيەدىمۇ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بەزى يېڭى چاقىرىقلارغا سەۋەب بولۇشقا باشلىغان. ئېرلاندىيە سېناتورلىرىدىن مالكوم بايرىن «ئامېرىكا ئاۋازى» غا سۆز قىلىپ: «بىز خىتاي بىلەن داۋاملىق سودا ئالاقىسىدا بولۇشنى خالايمىز. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ۋە خوڭكوڭغا قىلىۋاتقانلىرى پۈتۈنلەي خاتا. بىز بۇ خىل يولسىزلىققا كۆز يۇمالمايمىز،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بارغانسېرى كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتەك ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى ئىكەن.