خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا ئاتاقلىق خىتاي مۇسۇلمان زىيالىيسى شى ۋېيئەننى قۇرئان، ھەدىس قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىپ، «قانۇنسىز تىجارەت» بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇ شى ۋېيئەننىڭ 1-قېتىم تۇتقۇن قىلىنىشى ئەمەس. ئۇ 1997-يىلى «جۇڭگو مۇسۇلمان ياشلار ئىتتىپاقى» ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ قولغا ئېلىنغان ۋە 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئىزچىل ئىسلامى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىش، مۇدەررىسلىك ۋە تەبلىغات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇنىڭ بۇ قېتىم دىنىي كىتاب سېتىپ تۇتقۇن قىلىنىشى بەزى خىتاي تور بەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. «4-ئىيۇن» قاتارلىق بەزى خىتاي تور بەتلىرىدە، مەسچىت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ دىنىي كىتاب سېتىشى نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتايدا دىنىي كىتابلارغا نەشرىيات رۇخسىتى بېرىلمەيدىغانلىقى، شۇڭا كىتابلارنىڭ رۇخسەتسىز بېسىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شى ۋېيئەننىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
شى ۋېيئەن 1990-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان. ئۇ بۇنىڭدىن 9 يىل ئاۋۋال جېجىياڭ يىۋۇغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھەر جۈمە كۈنى يىۋۇدىكى مەسچىت ئالدىدا قۇرئان، ھەدىس قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى سېتىپ كەلگەن. ئۇ، «ئىسلامنىڭ نۇرى»، «ھەقىقەتكە يۈرۈش»، «مۇسۇلمان ياشلارغا دىنىي تەشۋىقات قوللانمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى يازغان.
شى ۋېيئەننىڭ ئوغلىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار 23-ماي شىۋېيئەننى چاقىرتىپ كېتىپ، ئەتىسى ئائىلىسىگە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.