بلۇمبېرگ: «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىنىڭ باش ئارخىتېكتورى»

ئامېرىكىنىڭ «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقى 27‏-سېنتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «باش ئارخىتېكتورلۇق» رول ئويناۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«شى جىنپىڭنىڭ قول ئاستىدا پارلىغان يۇلتۇز‏- خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىنىڭ ئارخىتېكتورى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، «چېن چۈەنگو خىتاي بىلەن غەربنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ھاڭنىڭ چوڭىيىشىدا رول ئويناۋاتقان شەخس»، دەپ كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدا، چېن چۈەنگونىڭ خېنەنلىك بىر يېتىمدىن قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقى ۋە كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ئۆسكەنلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان.

ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشى ۋە شى جىنپىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشى، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى سىياسىي بيۇروغا كىرىشىگە يول ئاچقان.

خەۋەردە، ئۇ 2023‏-يىلى كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا كىرىشى پەرەز قىلىنىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ماقالە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاپ، ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. بۇ يىل 8‏-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى چېن چۈەنگو، سۈن جىنروڭ، جۇخەيلۈن، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ چېن چۈەنگوغا قاراتقان ھەرقانداق بىر ئېمبارگوسى، خىتايدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بولغان «ئىگىلىك ھوقۇق» ئەندىشىسىنى كۈچەيتىدىكەن.

ماقالىدا ئامېرىكا جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس مىلۋاردنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، چېن چۈەنگونىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىن ئىبارەت قوش ئىستراتېگىيەسى پۇقرالاردىكى ئېتنىك پەرقنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقى، بۇنىڭدا «ئۇ شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.