شىئەن شەھىرىنىڭ چاڭئەن رايونى گۇاڭدۇڭ كەنتىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن كەنت باشلىقى سايلىمىدا، ھۆكۈم تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن نامزات ئۈستىدىن خەلق كۆرسەتكەن نامزات غەلىبە قىلغان.
سايلامدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن نامزات لى يىچۈن 147 ئاۋازغا، خەلق تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن نامزات شيې لى 842 ئاۋازغا ئېرىشكەن. سايلام نەتىجىسىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرى نەق مەيداندا ھاياجىنىنى باسالماي كۆز يېشى قىلىشقان ۋە كېچىچە ئېتىلداق ئېتىپ غەلىبە تەنتەنىسى قىلىشقان.
رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كەنتنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى، كەنتتىكى كوللېكتىپقا ئائىت يەرلەرنى ئاممىنىڭ رازىلىقىسىز، شىركەتلەرگە سېتىۋەتكەن. يەنە كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنتتە ئېلىپ بېرىلغان ئاساسى قۇرۇلۇشلار سەۋەبىدىن ئۆيلىرى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر ھۆكۈمەتكە كوللېكتىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كەنت باشلىقىنى قايتىدىن سايلاشنى تەلەپ قىلغان.
نەتىجىدە ھۆكۈمەت تەرەپ، كەنت يەرلىرىنى سېتىۋەتكەن سابىق كەنت باشلىقىنى قايتا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن؛ ئەمما سايلامدا ئاھالىلەر ئۆزلىرى كېلىشكەن نامزاتقا ئاۋاز بېرىپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغان. بۇ خىتايدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا نەتىجە بەرگەن ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىككىنچى قېتىملىق كەنت سايلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ تۇنجى قېتىملىقى بۇلتۇر گۇاڭدۇڭنىڭ ۋۈكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن.