رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، 29-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭۋەن شەھىرىدىكى نەچچە يۈزلىگەن فۇجيەنلىك ئىشلەمچىلەر بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش قىلىپ، قوغدىغۇچى خادىملار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن يۇرتدىشى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان.
رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇ جيەنلىك ئىشلەمچىلەر قوللىرىغا «بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرىمىز. ئادەمنىڭ ھاياتى ئوت-چۆپتىنمۇ قەدىرسىز بولماقتا. يۇرتدىشىمىز ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ شوئار توۋلىغان. يەرلىك دائىرىلەر زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى ۋە ئالاھىدە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئىيۇل كۈنى خۇڭ پېلىن ئىسىملىك فۇ جيەنلىك ئىشلەمچى مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا كەلگىنىدە، دىرېكتور بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان.
دىرېكتورنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەتراپتىكى قوغدىغۇچى خادىملار خۇڭ پېيلىننى توپلىشىپ ئۇرۇپ، نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئەمما بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلگەن ساقچىلار ۋە قانۇن دوختۇرىنىڭ خۇڭ پېيلىننىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇلازىمەت ئىدارىسىدىكىلەرگە يان بېسىشى، ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان.