خىتايدا چارشەنبە كۈنىدىن ئىتىبارەن كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىۋېتىشنى چەكلەيدىغان يېڭى قانۇن ماددىسى يولغا قويۇلغان. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، مەزكۇر قانۇننىڭ مەجبۇرىي قولغا ئېلىش ئەھۋالىنى چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن تېخى يېقىندىلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، خىتايدا ھەر يىلى يۈزلەرچە، مىڭلارچە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا سولىنىپ جازالىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتايدا بۇ خىل قانۇننىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئەمما خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قانۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى ماددىلاردا گۇمانلىق نوقتىلار يەنىلا كۆپ ئىكەن. چۈنكى قانۇندا ھەممە كىشىنىڭ ئۆز رازىلىقى ئېلىنىشى كېرەك دېيىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يەنە «بۇ كېسىلى ئېغىر بولغان، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان بېرىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلىنغان.
شاڭخەي نېرۋا كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ دوختۇرى جاڭ شىنكەي مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، «قانۇندا قانداق كىشىلەرنىڭ نېرۋا كېسىلى ياكى يۇقىرىدىكىدەك ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان بېرىدىغان كىشى دەپ بېكىتىلىدىغانلىقىغا يەنىلا ئېنىق تەبىر بېرىلمىگەن» دېگەن.