خىتاي نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى زور كرىزىستىن بېشارەت بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.17

2022-يىللىق ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتايدا تۇنجى قېتىم ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تۇغۇلغانلاردىن ئېشىپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن غايەت زور بىر كرىزىستىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 16-يانۋاردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىللاپ مەجبۇرىي يوسۇندا يولغا قويغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» ئاھالىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى، شۇنىڭدەك ياش-قېرىلىق پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئامىل بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا كېرەكلىك ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك كرىزىسىنىڭ دەسلەپكى شەپىلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ فېڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ئەمدى نوپۇس جەھەتتىن ئالغاندا قېرىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن، شۇنىڭدەك نوپۇس سانى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەۋاتقان بىر مەملىكەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەن.

ئوبزوردا ئېتىلىشىچە، ئۇزۇن يىللاپ داۋام قىلغان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە ياشلار بىلەن ياشانغانلارنىڭ نىسبىتىدە زور تەتۈر تاناسىپ كېلىپ چىققان. يەنە كېلىپ ئۆتكەن 40 يىل ئىچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان. ھازىرقى ستاتىستىكا بويىچە بولغاندا 2035-يىلىغا بارغاندا خىتايدا 400 مىليون كىشى 60 ياشتىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەنە كېلىپ ھازىر يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋاباسى تېخىمۇ كۆپ نوپۇسنى يوق قىلىش رولىنى ئويناشقا باشلىغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نى بىكار قىلىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلغان، شۇنىڭدەك كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلارغا تۈرلۈك ماددىي مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ نۇرغۇن ياشلار بالا بېقىش خىراجىتىنىڭ ئېغىرلىقى، ئۆي باھاسى، مائارىپ ۋە داۋالىنىش چىقىملىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇشنى رەت قىلىپ كەلگەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل نوپۇس چېكىنىشى ماھىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىغا غايەت زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە داۋاملىق ھالدا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئ‍ورۇندا تۇرۇش-تۇرالماسلىقى ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.