ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى بىر فېدېراتسىيە سوتى جۈمە كۈنى سودا پىلانى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئوباماغا قارشى سۇنغان ئەزىزنى رەت قىلىپ، ئوبامانىڭ چەكلەش بۇيرۇقىنى كۈچكە ئىگە قىلدى.
2012 - يىلى 28 - سېنتەبىر، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاي «راللس» گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان تۆت چوڭ شامال ئېنېرگىيە مەيدانىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا قارشى چىقىپ، سېتىۋېلىش توختامىنى بىكار قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان بۇ شامال ئېنېرگىيە مەيدانى ئامېرىكىنىڭ بوئاردماندىكى دېڭىز ئارمىيە قورال سىستېمىسىنى سىناق قىلىش بازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئىكەن.
مەزكۇر بازىدا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى سىناق قىلىنىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىسىغا يېقىن جايغا ئورۇنلىشىشىنى ياقتۇرمىغان.
مەزكۇر توختامنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تۇغدۇرىدىغان خەۋپىنى كۆزدە تۇتقان ئوباما خىتاي شىركىتى بىلەن ئامېرىكا شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى توختامغا ئارىلاشقان ۋە ئىجرائىيە ھوقۇقنى ئىشقا سېلىپ، توختامنى بىكار قىلغان.
«راللس» گۇرۇھى ئوتكەن يىلى 10 - ئايدا ئوبامانىڭ «ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبامانىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.
ئامېرىكا قانۇنىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئىشلاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا يۇقىرى دەرىجىدە قارار ئېلىش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، شۇڭا بۇ خىتاي شىركىتى دەۋادا ئۇتۇپ چىقالمىغان.