ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت خىتاي ئۆكتىچىنىڭ 2‏-قېتىملىق سوتىنى 12‏-ئايغا كېچىكتۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-21
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋنىڭ يۇقىرى مەھكىمىگە سۇنغان ئەرزىيىتىگە ئالاقىدار 2‏-سوت ئېچىشنى 12‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كېچىكتۈرگەن. جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالىي سوت جاڭنىڭ ئەرزىيەت سوتىنى 12‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كېچىكتۈرۈشنى تەستىقلىغان.

بۇ جاڭنىڭ سوتىنىڭ 3‏-قېتىم كېچىكتۈرۈلۈشىدۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سوتنىڭ داۋاملىق كېچىكتۈرۈلۈشى دائىرىلەردە جاڭنىڭ دېلوسىغا نىسبەتەن پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

جاڭ خەيتاۋ بۇ يىل 1‏-ئايدا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش»، «چەتئەلگە ئاخبارات يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما جاڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى.

جاڭ خەيتاۋ ئىلگىرى چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىدە ماقالە يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ «دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن سوتلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى لى ئەيجيې پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تاشقى دۇنيادىن ئۇنىڭ دېلوسىغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت