رويتېرس: خىتاي چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنى ئۇلارنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

رويتېرس ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدە، كانادالىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەركىن قۇرباننىڭ 2013‏-يىلى 85 ياشلىق ئانىسىنى يوقلاپ يۇرتىغا بارغاندا خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ سوراق قىلىشى ۋە تەھدىت سېلىشىغا ئۇچراش ۋەقەسىگە ئورۇن بەرگەن.

بۇ يىل 55 ياشلاردىكى ئۇزۇن يوللۇق يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى ئەركىن قۇربان 2013‏-يىلى 4‏-ئايدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، 3‏-كۈنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشقا باشلىغان.

دائىرىلەر ئۇنىڭدىن د ئۇ ق، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەھۋالى، كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى، ئۆزلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇ كاناداغا قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى دەرھال كانادا بىخەتەرلىك ئورگىنى ۋە د ئۇ ق غا مەلۇم قىلغان.

رويتېرسنىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەركىن قۇرباننىڭ سوراق قىلىنىشى «خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قارشى ئىستىخبارات توپلاش، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش يەر شارى ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسىكەن.»

ماقالىدە، خىتاينىڭ شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ، «خىتاي جاسۇسلۇق تورى تىبەتلەرگە قارىغاندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىگە تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىڭىپ كىردى»، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.