خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشىنى چەكلەش چۇقانلىرى يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بەزىلەر بۇ ھالنى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى تۇرۇشتىنمۇ ئېغىر بولغان قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، دەپ قارىماقتىكەن.
«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ 8-نويابىردىكى ماقالىسىدا ئېيتىلىىشچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، جۈملىدىن ئەنگليەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك راب قاتارلىقلار بۇنىڭدا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولماقتىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ھەمدە ئۇلارغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ «مۇشۇنداق قەبىھ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ھېچقانداق روھىغا ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭمۇ 1936-يىلى بېرلىندا ئادولف گىتلېرنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاشۇ خىلدىكى مۇسابىقىگە ساھىبخان بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ماقالىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا، بۇ خىلدىكى چوڭ مۇسابىقىلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدىغان شىركەتلەر بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. يەنە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتا 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخان چاقىرىش يىغىنىغا خىتاي بىلەن قازاقىستانلا قاتناشقان بولۇپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇنداق بىر تاللاش ھوقۇقىنى خىتايغا بېرىشى ئەينى ۋاقىتتىلا توغرا بولمىغان بىر قارار، دەپ قارالغانىكەن.