«نيۇ-يورك ۋاقتى» تورىنىڭ 9-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 160 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسىگە بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇپ، مەزكۇر كومىتېتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنى قايتا ئويلىشىشقا چاقىردى. ئىلگىرى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز ئالدىغا مۇشۇنداق چاقىرىقلارنى قىلغان، ھالبۇكى بۇ قېتىمقىسى خىتايغا قارىتىلغان كەڭ-كۆلەملىك بىرلەشمە چاقىرىق، بىرلەشمە ھەرىكەت ئىكەن.
8-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ھەر قايسى جايلاردا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال ئولىمپىك روھى ۋە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خەلقئارالىق ئىناۋىتىنى تېخىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.» مەكتۇپتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرىكىنى يوغىنىتىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولغان.»
بۇ مەكتۇپقا ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ئافرىقا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئىمزا قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى «تەنتەربىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇش» دەپ ئەيىبلىگەن.