خىتاي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ھارپىسىدا ئ‍اخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قار تېيىلىش ھەركىتى» نى تونۇشتۇرغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئ‍ۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشتا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى ئىشلەتمەكتە.

بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىش ئەھۋالى ۋە رايوندا تەسىس قىلىنغان قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە بىر ھەپتىدەك ۋاقىت قالغان بىر ۋاقىتتا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قار تېيىلىش ھەركىتىنى تونۇشتۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى نورمال كۆرسىتىشكە قانچىلىك تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

27-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئاخبارات يىغىنى خەلقئارادا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى تۈپەيلى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار تېخىمۇ كۈچەيگەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. ئاخبارات يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئ‍ۇيغۇر ئېلىنىڭ ئ‍ىلى، بورتالا، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلىرىدىكى 72 ئورۇندا قار تېيىلىش مەيدانى بەرپا قىلىپ، «قار تېيىلىش، قار-مۇز مەنزىرە ساياھىتى ئېلىپ بېرىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ياشاش، ئالاھىدە مەھەللە-رايونلار ۋە ئارشاڭدا داۋالىنىش» بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ قىرلىق ساياھەتنى يولغا قويغان.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى «شىنجاڭغا بېرىپ قار تېيىلىش» قا چاقىرغان ئىدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە-ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى گۈلى ئابدۇلىم، ئۇيغۇر ئېلىدىن بىر نەپەر ئۇيغۇر مۇز تېيىلىش ماھىرىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ، ئامېرىكانى «شىنجاڭدىكى ئاتالمىش مەجبۇرىي ئەمگەكنى بېىجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى بىلەن باغلاپ، قەستەن بۆلگۈنچىلىك، دۈشمەنلىك ۋە قارشىلىق پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. ھالبۇكى، ئۇ 2017-يىلدىن بېرى لاگېر، تۈرمىلەرگە قامالغان، مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىغا يۆتكەنگەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھېچنىمە دېمىگەن.