خىتاي ئوقۇغۇچى ئامېرىكادا ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) بىلەن جاسۇسلۇق قىلغان

ئامېرىكانىڭ مىننېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسلىھەلىرى ئەتراپىدا ئادەمسىز ئۇچقۇ ئۇچۇرتقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە ئەيىبلەنگەن.

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 9-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 26 ياشلىق خىتاي ئوقۇغۇچى شى فېڭيۈن «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئىككى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ ئىككى ماددا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سۈرەتكە تارتىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئادەمسىز ئۇچقۇنى دۆلەت مۇداپىئە ھاۋا بوشلۇقىدا ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان ماددىلار ئىكەن.

تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، شى فېڭيۈن 2024-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ نيۇپورت كېمىسازلىق زاۋۇتىغا يېقىن جايدا ئادەمسىز ئۇچقۇ قويۇپ بېرىپ، لايىھەلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىنى مەخپىي سىستېما بىلەن سۈرەتكە تارتقان. كېيىن ئۇنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇسى ھاۋا رايىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن بىرەيلەننىڭ شەخسىي قورۇسىدىكى دەرەخكە قاپسىلىپ قالغان. يەرلىك كىشىلەردىن بىرسى ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى شى فېڭيۈننى تۇتۇپ، ئادەمسىز ئۇچقۇنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ئائىت سۈرەت ۋە ۋىدىيولارنى تاپقان؛ ئۇنىڭدا پاراخوتلاردىكى يېڭىدىن لايىھەلىنىۋاتقان مەخپىي سىستېمىلار سۈرەتكە ئېلىنغانىكەن.

بۇ دېلوغا ئارىلاشقان ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ نورفولك شەھىرىدىكى سوتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى فېڭيۈن بۇ ئىككى تۈرلۈك ئەيىبلەشنىڭ ھەر بىرىگە 100 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ياكى ئىككى يىللىق قاماق جازاسى ئۆتەشكە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن ھەيدىلىشى ۋە ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.