ئامېرىكاغا كەلگەن شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشتا تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان

11-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ سان-فرانسېسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. شى جىنپىڭغا قارشى ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرى شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول بويىدا نامايىش تەشكىللىگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنى قوللايدىغان ۋە ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان خىتايلارمۇ شۇ يەرگە كېلىپ، نامايىشچىلارغا ھەيۋە كۆرسەتكەن.

شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققانلار ئۆزلىرىنىڭ كۆپ سانلىق ئىكەنلىكى بىلەن نامايىشچىلارغا بېسىم قىلغان، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرۇشقا، ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنغان؛ جۈملىدىن لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن كۆتۈرۈپ چىققان كۆك بايراقنى خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى بىلەن توسۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان. بۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ياللىغان ياكى ئۆزلىرى خالاپ كەلگەن خىتايلار ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.

14-نويابىر كۈنى، «تىبەتكە ئەركىنلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ X دە چىقارغان ۋىدىيوسىدا، كوممۇنىست خىتايغا، شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ پائالىيىتى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىر تىبەت ئوقۇغۇچى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مانا بۇ تۇرسۇنئاي، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى، شى جىنپىڭ ئۇنى بىر يىل يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغان، ئۇنى قىينىغان. ماۋۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن شۇ ھاكىمىيەتنى قوللاپ، بۇ يەردە نومۇس قىلماي قاراپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ۋىجدانى يوقمۇ؟» دېگەن. ئاندىن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي تەرەپنىڭ پۇل بېرىپ، چۈشلۈك تاماق بېرىپ بۇ يەرگە توشۇغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «بۇ ئوقۇغۇچىلار لاگېر شاھىتىغا، سېنىڭ كەچمىشلىرىڭ چوڭ ئىش ئەمەس، دېمەكتە. مانا بۇ كوممۇنىست خىتايدۇر» دېگەن.

بۇ نامايىشقا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، سان-فرانسېسكودا ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ نامايىشقا قېتىلغان.