يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلىنغان مىڭلىغان خىتاي ياشلىرىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇدىكى ئاتالمىش «قوش تىللىق» مەكتەپلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھال ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن ئاستا-ئاستا سىقىپ چىقىرىپ، دائىرىلەرنىڭ مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى يەنىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ، دەپ قارىماقتا.
ئاقتۇ ناھىيەلىك دائىرىلەر 5-ئاينىڭ 21-كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جياڭشى، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن 178 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ‹قوش تىللىق مائارىپ› نى كۈچەيتىش سىياسىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ‹بىرىنچى نومۇرلۇق قۇرۇلۇشى› نى ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ‹دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى› نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ناھىيەمىزنىڭ ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى.»
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاقتۇ ناھىيەسىگە قوبۇل قىلىنغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا 6800 يۈەندىن 7000 مىڭ يۈەنگىچە ئايلىق مائاش ۋە بىردەك ھەقسىز تۇرالغۇ تەمىنلىنىدىكەن.
ئۇلارنىڭ 72 نەپىرى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 64 نەپىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 24 نەپىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 18 نەپىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.