ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاسىتە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1950-يىللاردىن بۇيانقى مىللىي مائارىپ سىستېمىسى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس مائارىپ روھى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغان.
قاغىلىق ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلاتتى. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان قاغىلىق ناھىيىسى ئۆز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىشقا باشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش ۋە تەمىنات بىلەن قوبۇل قىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تولدۇرۇشقا باشلىغان.
قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان يېقىنقى بىر ئۇقتۇرۇشتا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىر قېتىمدىلا جەمئىي 2968 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ 892 نەپىرى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 1045 نەپىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 634 نەپىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا، 397 نەپىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇلارغا ھەقسىز تۇرالغۇ ۋە ئايدا 9000 مىڭ يۈەندىن 9500 يۈەنگىچە مائاش بېرىلىدىكەن.
ئوخشاش ۋاقىتتا يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي 1200 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى مائاش ۋە ھەقسىز تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، ئەگەردە خىتاي مۇشۇ رەۋىشتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئادەم يۆتكەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تولدۇرىدىغان بولسا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېقىن كەلگۈسىدە تامامەن غايىب بولىدىكەن.