ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ «ئىختىساسلىقلار تۈرى» گە قاتناشقانلىقى ئاشكارىلاندى

«كۈندىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا مەزكۇرئاخبارات فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە دۆلەتلىك تەجرىبىخانىلاردا ئىشلەيدىغان ھەمدە فېدېراتسىيە مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان 50 تەتقىقاتچىنىڭ خىتاينىڭ «مىڭ ئىختىساسلىقلار پىلانى» ۋە «چاڭجياڭ ئالىملىرى پىروگراممىسى» قاتارلىق تۈرلەرگە قاتناشقانلىقى ئاشكارىلانغان.

تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ پىروگراممىلار قاتناشقۇچىلارنى خىتاينىڭ ئۆز غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن چەت ئەل تېخنىكىسىنى ئوغرىلاشقا ئىلھاملاندۇرغان. تەكشۈرۈشتە يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مىڭ ئىختىساسلىقلار پىلانى» ۋە «چاڭجياڭ ئالىملىرى پىروگراممىسى» «ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قارالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى 12-ئايدا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە پەنلىرى پىروفېسسورى چارلىس لىبېر( Charles Lieber) ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ «مىڭ ئىختىساسلىقلار پىلانى» غا قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا مەبلەغ سالغان باشقا ئورگانلارنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن يوشۇرغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

«كۈندىلىك خەۋەرلەر» نىڭ تەكشۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى سېنتەبىر ئېيىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رەقىبى بولغان خىتاينىڭ سىستېمىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىر كۆرسىتىش ۋە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە دائىر ۋەقەلەرنىڭ توختىماي تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.