خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقى ئامېرىكا دىققىتىنى قوزغىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىنىنى ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى قارمىقىدىكى ياۋروپا، ياۋروئاسىيا ۋە باش كۆتۈرۈۋاتقان تەھدىتلەر كومىتېتى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بارغانچە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەۋجۇتلۇقىغا قاراپ چىقالىغان.

خەلقئارا مۆلچەر ۋە ئىستراتېگىيە مەركىزىدىكى ئالىي تەتقىقاتچى جون كاكىك قاتارلىقلار قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن.

گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئىچىدە يەنە ئامېرىكىدىكى تاشقى سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە ئىندىئاننا ئۇنىۋېرسىتېتى كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرمۇ بار.

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنى روسىيە زىيارىتىدىن كېيىنلا چاقىرىلىشى دىققەتنى تارتتى.

خىتاي رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدە روسىيەنى ئەڭ چوڭ دوستى، دەپ ئاتىغان ۋە روسىيە تەرەپ بىلەن بىر نەچچە تۈرلۈك ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ھازىرلىغان ئىدى.

يېقىنى بەزى مۇلاھىزەلەردە روسىيەنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىينى خىتاي بىلەن تالىشىۋاتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.