«دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىلى 9-مايدىكى كەسىرىن پاتىسنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 8-ماي بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 18-19-ماي كۈنلىرى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. ۋاڭ شىئەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىننى «خىتاي بۇ يىل ساھىبخانىلىق قىلىدىغان تۇنجى چوڭ دىپلوماتىك پائالىيەت» دەپ ئاتىغان. بۇ يىغىننىڭ ئالتە دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ۋاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلىدىغانلىقىنى ھەم خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن ئىمزا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان «مۇھىم سىياسىي ھۆججەت» بارلىقىنى ئېيتقان.
«دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ئىمزا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان «مۇھىم سىياسىي ھۆججەت» نىڭ مەزمۇنى ۋە ماھىيىتى ھازىرچە بىلىنمەيدىكەن. ئەمما بۇلار بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەقسىتى ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن دېرەك بېرىدىكەن.
مۇتەخەسسىس ئۈمىد ھاشىموۋانىڭ 2020-يىلى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئوڭۇشلۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مۇناسىۋەتكە ئۆتكەن.
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نېفىت-تەبىئىي گاز خېرىدارى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىلىق تۈگۈنى بولۇپ قالغان.
ھالبۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ جۇمھۇرىيەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىش، ھەتتا ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.