خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 18-ماي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سودا ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن ئاشلىق ۋە كۆمۈر ئىمپورت قىلىشىنى كۈچەيتكەن. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئىمپورت قىلغان ئاشلىق مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 146.7 پىرسەنت ئاشقان. خەۋەردە، 4 ئاي ئىچىدە ئىمپورت قىلىنغان 293 مىڭ توننا ئاشلىقنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، بولۇپمۇ قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىدىمۇ زور ئارتىش بارلىققا كەلگەن. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتكە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتى، خىتاينىڭ مەملىكەت بويىچە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ 43 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە قاراتقان ئېكسپورتىدىكى ئارتىشى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن. ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماقۇللاپ، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن. بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش نىشانى «بىر بەلباغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە يۆتكەلگەن.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي يەنە قىرغىزىستاندىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشقا باشلىغان. «خىتاي خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى» نىڭ ئېيتىشىچە، 21-ماي كۈنى كۆمۈر بېسىلغان 6 يۈك ئاپتوموبىلى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىن ئەركەشتام ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىگە كۆمۈر يۆتكەشكە باشلىغان. خەۋەردە، بۇ 6 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ 154.69 توننا كۆمۈرنى قەشقەرگە توشۇپ كەلگەنلىكى، ئوش كۆمۈر ئىمپورت يولىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.